خىتاي تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە رەھبەرلىك سايلىمىدىكى نامزاتلارنىڭ بىرى بولغان لەي چىڭدېنىڭ كېلەر ئاي ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكىغا نوتا تاپشۇردى.
خىتاي تاشقى ئشىلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لەي چىڭدېنىڭ كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختالغان ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق رەسمىي ئالاقىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا نوتا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماۋ نىڭ تەيۋەندىكى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» رەھبەرلىك نامزاتىنىڭ پىلانلىق زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە: «بىز تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەر قانداق نام ۋە ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ بۆلگۈنچىلەرگە كۆز يۇمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى قوللىشىنى قەتئىي رەت قىلىمىز» دەپ جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر