خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئارقىلىق، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش» ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

خەلقئارا تېز خەۋەرلىرى تورىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى «شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش» ھەرىكىتى دەپ جار سالغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى غەرب ئەللىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى ھەرىكەتنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»: «قانۇنىي مېخانىزم ئارقىلىق تەنقىدكە قارشى تۇرۇش ۋە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تاشقى كۈچلەر بىلەن ئاكتىپ كۈرەش قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلگىرى ئالداپ كەلگىنىدەك، بۇ قېتىم يەنە شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، ساختا تەشۋىقات كىنولىرى ۋە ناخشىلىق فىلىملەرنى ئىشلەش ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1591 قېتىم كۆرۈلدى
18/07/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق