يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، ۋاڭ يى ھىندىستان بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاڭ يى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكارغا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يىغىن خۇلاسىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا، ۋاڭ يى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكارغا: «ئىككى دۆلەت ئۆزئارا گۇمانلىنىش ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا قوللاشقا موھتاج» دېگەن.
ۋاڭ يى يەنە جايشانكارغا ھىندىستان تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە چېگرا مەسىلىسىدە كېيىنكى نۆۋەتلىك ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتنى تېزدىن ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
2020-يىلىدىن باشلاپ يېڭى دېھلى يەنە خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ TikTok قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق ئەپ دېتاللىرىنى چەكلىگەن ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنىدى.
ۋاڭ يى بۇ كۆرۈشۈشتە يەنە ھىندىستاننىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قاراتقان چەكلەش تەدبىرلىرى مەسىلىسىدە ھىندىستاننى خىتاي شىركەتلىرىنى ئادىل، ئوچۇق ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ