ئامېرىكا بىلەن بولغان بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىۋاتقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە تېز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە.
سۆزچى گېزىتىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى خىتاي-پارس قولتۇقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن يەتتە ئاي كېيىن، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بېيجىڭ ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغان خام نېفىت سېتىۋېلىشتىن ھالقىپ كېتىشكە باشلىغان.
بىلۇمبېرگ توپلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مىڭ ھەسسە ئېشىپ، 5 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ يىل بۇ خىلدىكى سودا ھەمكارلىقى ۋە كېلىشىملەر سانى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ ئالدىراش يىل بولۇش ئالدىدا ئىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى خىتاينى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ نەچچە تىرىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش پىلانى بولغان 2030 تەسەۋۋۇرى ئۈچۈن ۋە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىئوردانىيە ۋە مىسىر چېگراسىغا يېقىن تەبۇك رايونىدا قۇرىدىغان 26 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان Neom تۈرى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان شېرىك دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش كېلىشىملەر تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ سىرتىدىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى مۇرەسسە قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مارت ئېيىدا بېيجىڭدا ئىمزالانغان ئەشەددىي رەقىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنىتىدىغان مۇھىم كېلىشىمدە رول ئوينىغان.
ئامېرىكا بولسا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى مايكىل ئېرىك كۇرىللا ئۆزىنىڭ پالاتادا قىلغان ئەڭ يېڭى سۆزىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، گەرچە ئامېرىكا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ھەمراھى بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ رايونغا تىجارەت ۋە ھەربىي ئىكسپورتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي سېتىشىنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا %80 ئاشقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ سېتىش مىقدارى بولسا %30 تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك سودا ھەجمى 30 يىل ئىلگىرىكى 834 مىليون دوللاردىن بۇلتۇر 117 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بىلۇمبېرگنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت كۆلىمى 1992-يىلى 1 مىليارد 150 مىليون دوللار بولغان بولسا، بۇلتۇر 200 ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ، 107 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باياناتىدا، باشقا مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىكلەرگە ئوخشاش، خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى كۈنسېرى كۈچىيىش بىلەن بىرگە، ئېنېرگىيە كېلىشىمىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە شىركىتى ئارامكو 3 مىليارد 600 مىليون دوللارغا خىتاينىڭ روڭشېڭ نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ %10 پېيىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئىشقا ئاشقان.
پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى كېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن بولغان بەزى زىددىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەت توختىتىلغان.
2021-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى تېلېگراف تورىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تەلەپلىرىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، F-35 تىپلىق ئايروپىلان ۋە باشقا قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باشلانغان 23 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم توغرىسىدىكى سۆھبەتنى توختىتىپ قويغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاينىڭ L15 تىپلىق يېنىك ھۇجۇمچى ۋە جەڭ مەشىق ئايروپىلانىنى سېتىۋالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر