ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادا ئېچىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ مەجبۇرلاش ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بۇ ھەپتە ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن. ئانتونىي بىلىنكېن يىغىندا: «بىز چوقۇم جەنۇبىي دېڭىزدا يول يۈرۈش ئەركىنلىكىنى قوغدىشىمىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېگەن.
بىلىنكېن 14-ئىيۇل خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە ۋاڭ يى خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا خالىغانچە ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋاشىنگتوننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىغا ئەڭ ياخشى سەۋەب بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئانتونىي بىلىنكېن يىغىندا: ئامېرىكا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن، ئوچۇق، گۈللەنگەن، بىخەتەر، خەلقئارا بىلەن تۇتاشقان ۋە چىداملىق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى تەسەۋۋۇرىدا ئورتاقلاشتى» دېگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا مەيدان ئىپادىلەشنى خالىمايدىكەن. بۇنى ساھىبخان دۆلەت ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودونىڭ مۈجمەل سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ۋىدودو سۆزىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ۋاسىتىچىسى بولۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو تېخىمۇ ئاشكارىلاپ: «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى يېڭى جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن.
يىغىن داۋامىدا بىلىنكېن ۋاڭ يىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ئېيتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ