ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار فوندى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەركىزى نيۇيوركتىكى ئېلى ۋېسېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ 300 مىڭ دوللار ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ فوند يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئېلى ۋېسېل ئەپەندىنىڭ نامىدا قۇرۇلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېلى ۋېسېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋاسىزلىق، سىغدۇرماسلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش بولۇپ، بۇ فوندى جەمئىيىتى دۈشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىككى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى قاتارلىق يەتتە ئورگان بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلقى ياردەم ئۇيغۇر جامائىتىنى قوللايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئورگانلارغا مەركەزلەشكەن. فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىشا ۋىسېل: «بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتى مەبلىغىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشتى» دېگەن.

فوندى جەمئىيىتى 12-ئايدا نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى ۋە دۇنيا يەھۇدىيلار كۆزىتىش تەشكىلاتىنى 250 مىڭ دوللاردىن مۇكاپاتلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت يەھۇدىيلارنىڭ خانۇككا بايرىمى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى يىغىلىدىغان پائالىيەت بولىدىكەن.

دۇنيا يەھۇدىيلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار توپلانغان يىغىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جاۋابكارلىق مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، يەھۇدىيلار جەمئىيىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

دۇنيا يەھۇدىيلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېيتىلىشىچە، تۇنجى قېتىملىق يىغىن ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيىتىنى جانلاندۇرىدىكەن ھەمدە يەھۇدىيلار جەمئىيىتى ۋە ھەر خىل ۋىجدانلىق پۇقرالارنى ئاكتىپلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1382 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2023 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق