ۋاڭ يى جاكارتادا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشتى.
دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 14-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سابىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىىرى ۋاڭ يى جاكارتادا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بورېل بىلەن كۆرۈشكەن.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈپتىن پايدا-زىيان توقۇنۇشى يوقلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى شۇنداقلا خەلقئارا تۈزۈمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلىش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئۇ يەنە بۇ يىل خىتاي-ياۋروپا ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ۋە كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئاساستا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بورېل كۆرۈشۈشتە، خىتاينىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەلدىن تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىجابىي، مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى قانداق كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، ياۋروپا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشى ھەرگىزمۇ خىتاينى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ