خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې فېڭ 12-ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر ياردەمچىسى ئېلى راتنېر بىلەن ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋىتى ۋە بىر قاتار خەلقئارالىق ۋە رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى مارتىن مېينېرس بۇ ھەقتە: «راتنېر يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئالاقە لىنىيەسىنى ئوچۇق تۇتۇش ۋەدىسىنى تەكىتلىدى» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلىلەر تەخمىنەن 90 مىنۇت ئەتراپىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، شيې فېڭنىڭ ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋىتىنى بارا-بارا يېقىنلاشتۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتقان. شيې فېڭ مۇزاكىرە جەريانىدا: «ساغلام ۋە مۇقىم بولغان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى تەيۋەن مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئىلغار تېخنىكا ئېكسپورتىنى چەكلىشى ۋە خىتاي ئىگىلىكىدىكى سانائەت شىركەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتى قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبلىك جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، لېكىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازالىرىنىڭ ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ