ئەنگلىيە پارلامېنتى: ئەنگلىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى يېتەرلىك ئەمەس

ئەنگلىيە پارلامېنت كومىتېتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنت كومىتېتى 13-ئىيۇل ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ئۇزۇن مۇددەتلىك خەتەرگە ئەمەس، بەلكى قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي خەتەرگە كۆپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى بۇ ھەقتە: «خىتاي كەڭ كۆلەملىك دۆلەت ئاخبارات مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ماھىيەتلىك تاجاۋۇز قىلدى. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە سىڭىپ كىرىشنى مەقسەت قىلماقتا» دېگەن.

كومىتېتنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپىگە ئەمەس، بەلكى خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتى يەنە: «بىز خىتاينىڭ ئەنگلىيە دۆلەت پۈتۈنلىكىگە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا بېغىشلانغان مەبلەغ سەۋىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي يېتەرسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت بەلگىلەشنىڭ ئاستا بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
15/07/2023 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق