ب د ت يەر شارىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان ئاھالىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىلگىرىكىدىن 122 مىليون ئادەم كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى 12-ئىيۇل دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، 2022-يىلى يەر شارىدا 691 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىقتا قالغان بولۇپ، 2019-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا 122 مىليون ئادەم كۆپەيگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىشىپ 2023-يىللىق «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاچارچىلىقنى تۈگىتىش ۋە ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىكەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2021-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئاچارچىلىقنى ئازايتىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن، لېكىن غەربىي ئاسىيا، كارىب ۋە ئافرىقىنىڭ ئاچارچىلىق ئەھۋالى كۈچەيگەن. بۇنىڭدىن باشقا 2022-يىلى يەر شارىدا 2 مىليارد 400 مىليون ئادەم يىل بويى ئوزۇقلۇق، بىخەتەر ۋە يېتەرلىك يېمەكلىككە ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە يېزا ئاھالىلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن.
دوكلاتتا يەنە ئاگاھلاندۇرۇلۇپ: «2030-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن دۇنيادا 600 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ يېمەكلىكى ئۇزۇن مۇددەت يېتىشمەسلىكى مۇمكىن، پۈتۈن دۇنيا سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاچارچىلىقنى تۈگىتىشكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك» دېيىلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ