گېرمانىيە تۇنجى قېتىم خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

گېرمانىيە تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك 13-ئىيۇل گېرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، تەيۋەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ھاياتلىق يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ياۋروپانى خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكى مەجبۇرلاش قىلمىشىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان.

گېرمانىيە ئېلان قىلغان «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ھۆججىتى 64 بەت بولۇپ، بۇنىڭدا تەيۋەن ئون قېتىمدىن ئارتۇق تىلغا ئېلىنغان. ھۆججەتتە ئالدى بىلەن ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»نىڭ خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ پەقەت خىتاي بىلەنلا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغانلىقى، ئەمما تەيۋەن بىلەنمۇ نۇرغۇن ساھەدە قويۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە كېڭەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھۆججەتتە يەنە دېموكراتىك تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا كەسپىي قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە ب د ت كاتىبات باشقارمىسىدىن تەيۋەن پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ب د ت ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.

ھۆججەتتە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكى رايون ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى، گېرمانىيەنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى پەقەت تىنچلىق ۋە ئۆزئارا قوشۇلۇش بىلەنلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى، ھەربىي توقۇنۇشنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بېرلىن ئەقىل ئامبىرى «مېركاتور خىتاي تەتقىقات مەركىزى»دە قىلغان سۆزىدە تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىككە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيادىكى يۈك پاراخوتلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى، ماشىنا، يېمەكلىك ۋە دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، يەنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسىنىڭ تەيۋەندىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەگەر تەيۋەندە توقۇنۇش يۈز بەرسە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
14/07/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق