كانادا ھۆكۈمىتى نايك بىلەن سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك تەكشۈردى.
ب ب س نىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى نايك شىركىتى بىلەن سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ نەپ ئالغانلىقى توغرىسىدا ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەزكۇر شىركەتلەر ھەققىدە سۇنغان ئەرزلىرىگە ئاساسەن باشلانغان. نايك شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى، دەپ ئەيىبلەنگەن شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇلالە ئالتۇن كان شىركىتى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ شىركەت رايوندىكى تىجارەتلىرىنى توختىتىپ، رايوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك ئەيىبلىنىشى ئەمەس بولۇپ، نايك، زارا، يۇنىكلو، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق كۆپلىگەن شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك، كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ