ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىدا دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ئاگاھلاندۇردى.
دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جاكارتادا ئېچىلغان يىغىندا، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ۋەزىيەتنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
رېتنو مارسۇدى يىغىندا قىلغان سۆزىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر رايوننىڭ كوللېكتىپ ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدىغانلىقى، بۇ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن مۇساپىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ سۆزىدە يەنە رايوندىكى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، بېرمىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلار ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ