ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ھەربىي تۈزۈمدە تەربىيەلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەندىشە ۋە دىققەت قوزغىماقتا.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم 12-ئىيۇل ھەمبەھرىلىگەن سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بىر تۇتاش ھەربىي فورما كەيدۈرۈپ ھەربىي تۈزۈمدە تەربىيەلىگەن. بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا قاتتىق ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر سىندا بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپلا تۇرىدىكەن. سىنلاردا كۆرۈلگەن خىتايچە خەتلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ، ئۈرۈمچى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر بالىلار ھەربىي لاگېرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، مەزكۇر لاگېردا قىزلارمۇ بار بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى قىز بالىلارمۇ ھەربىي لاگېردا خىتاي باشقۇرغۇچىلىرى ئالدىدا دوكلات قىلىش، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قەسەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا مەجبۇرلانغان. ئۇندىن باشقا، قۇرامىغا يەتكەنلەر مەشىقلەندۈرۈلىدىغان گازارمىدا دائىم كۆز چېقىلىدىغان «جاپاغا چىداش، تاۋلىنىش» دېگەن جۈملىلەرنىڭ بالىلار ھەربىي لاگېرىدا كۆزگە چېلىقىشى كىشىنى تەشۋىشكە سالىدىكەن.
خىتاينىڭ پىلانلىق تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بالىلار يوشۇرماستىن ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىسىنى سېغىنغانلىقىنى، ئائىلىدىكى تاماقلارنىڭ مەززىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
سىنلار ئىچىدىكى سەككىز ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىغا خىتاي كوماندىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلىۋاتقانلىقى، قىزنىڭ تىك تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ھەربىي دوكلات ۋە قەسەم بېرىشى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان بولۇپ، ئۇ: «دوكلات! ئىسىم سەبىرە، كەلگۈسىدە قانداق خەتەرگە دۇچ كېلىشىمدىن قەتئىينەزەر، بارلىق كۈچۈم بىلەن خەتەرگە ئاتلىنىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمەن. مېنى ئۆتكۈزۈۋېتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» دېگەن سۆزلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا قايتا-قايتا سۆزلەشكە مەجبۇر بولغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قاتتىق دىققەت قوزغىغان مەزكۇر سىنلارغا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، «ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قانچىلىغان قاتتىق تاياق، ئۇرۇش، تېپىكلەر، قوپال مۇئامىلەلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. خىتايلار بىزنىڭ يۈرەك پارىلىرىمىزنى بىزگە قارشى سېلىش ئۈچۈن تەربىيەلىمەكتە. بۇلار ئىچىدە مېنىڭ بالاممۇ، سىزنىڭ بالىڭىزمۇ بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ