ئون يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ، ھىندىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر نۆۋەتتە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان دائىرىلىرى ئادۋوكاتنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى مۇھەممەد شافى لاسسۇ ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «نۆۋەتتە ئۈچ ئۇيغۇر يېڭى تۈرمىگە يۆتكەلدى، مەن تۈرمە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئاكا-ئۇكىلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇلار مېنىڭ بۇ بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمغا يول قويمىدى» دېگەن.
ئۇ مۇخبىرغا يەنە ساقچىلار ئۈچ ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىنى ھۆججەت ۋە پاسپورتسىز ساياھەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ «جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى»غا ئاساسەن، ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش ھۆكمىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، ئۈچ ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىنىڭ ھىندىستاندا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىنىڭ جاممۇ كەشمىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغانلىقىنى، بۇ دېلونىڭ تېخىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكات مۇخبىرغا يەنە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇساپىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلىپ، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئافغانىستانلىقلار ۋە بېرمالىقلارنىڭ ھىندىستاندا قېلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىنى يەنىلا خىتاينىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن تۈرمىدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرلىرى ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ھىندىستاندا تۈرمىگە تاشلانغان ئۈچ ئۇيغۇرنى قايتا-قايتا سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا مەسئۇل ئەمەلدارى مىناكشى گانگۇلى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە ۋە ئۇلارنى جىنايەتچى دەپ قاراشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
مۇھەممەد شافى لاسسۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئورگىنى بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ھەمدە مەزكۇر ئۈچ ئۇيغۇرغا پاناھلىق تىلەشتە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ئىجابىي جاۋاب ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ