كانادا ھۆكۈمىتى كانادادىن پاناھلىق سورىغان خوڭكوڭ ئاھالىلىرىگە پاناھلىق بېرىش تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرغان بولۇپ، كاناداغا كۆچۈپ كېلىپ بىر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مەڭگۈلۈك تۇرۇش كارتىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك خوڭكوڭدىكى ئىقتىساد ئىگىلىرى چەت ئەلگە ئېقىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، كانادا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقىگە پاناھلىق بېرىش چەكلىمىسىنى تېخىمۇ بوشاتقان بولۇپ، «B تىپلىق كۆچمەنلەر پىروگراممىسى» ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭلا مەڭگۈلۈك تۇرۇش كارتىغا ئېرىشىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان. بۇنداق بولغاندا، كاناداغا كۆچمەن بولۇپ بارغان خوڭكوڭلۇقلار بىر يىل ئىشلىگەندىن كېيىن مەڭگۈلۈك تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. بۇ ئاسانلاشتۇرۇلغان قوبۇل قىلىش تەرتىپى كېلەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى سىم فىرېيسېرنىڭ (Sean Fraser) قارىشىچە، بۇ تەرتىپ كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كۆچمەنلەر تەڭ پايدا ئالىدىغان تەرتىپ ئىكەن. تۆت خوڭكوڭ خەلق تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن تەرتىپ تېخىمۇ كۆپ خوڭكوڭ خەلقىنى كاناداغا ئولتۇراقلىشىشقا ئىلتىماس قىلىشقا جەلپ قىلالايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ