كانادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى

كانادا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللاردا كىشىلىك ھوقۇقتا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى پىلانلىماقتا.

«كانادا يەر شارى پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادانىڭ سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى كانادا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋاسىتىسى بىلەن ياسالغان ياكى ياسالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى باشلايدىكەن. كانادا سودا ئىشلىرىنىڭ مەسئۇل ۋاكالەتچىسى شېرى مېيېرخوففېر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە باھالىغان ئاساستا، كانادادىكى ئىككى شىركەتنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە تىجارىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش كۆپ يىللاردىن بۇيان مەزكۇر شىركەتلەرگە سۇنۇلغان تەكشۈرۈش تەلەپلىرى سەۋەبلىك ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

شېرى مېيېرخوففېر ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يەنە ئىلگىرى ئېنىقلانمىغان 11 تۈرلۈك دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 571 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق