تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ئىستانبۇلدا ئۇچراشتى

تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، تۈرك سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى (TUSIAD) ۋە خىتاي خەلقئارا سودىنى قوللاش كېڭىشى (CCPIT) قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي سودا يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ سودا دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرى «رەقەملىك ئۆزگەرتىش ۋە كەلگۈسىنى لايىھەلەش» شوئارى بىلەن ئىستانبۇلغا يىغىلدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى رەئىسى نائىل ئولپاك يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا قىلغان سۆزىدە: «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ۋە رەقەملەشتۈرۈش» قاتارلىق ئىككى مۇھىم مەسىلىنىڭ يىغىننىڭ ئاساسىي نۇقتىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئولپاك يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئاساسلىق رولچىسى بولغان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇھىم. ئەمما مەن شۇنىمۇ تەكىتلىمەكچىمەنكى، تەڭپۇڭ سودا مۇناسىۋىتى ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى بىز ئۇنىڭغا تۈركىيە نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق ۋە بىز خىتاي بىلەن ئۆزئارا سودا مۇناسىۋىتى دېگىنىمىزدە، تەڭپۇڭسىزلىقنى كۆرىمىز. ئەپسۇسكى، بۇ نۇقتىدا تۈركىيە زىيان تارتىۋاتقان بىر رېئاللىق بار. بۇ نۇقتىدا ئەلۋەتتە پەقەتلا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىمىز ياكى سىياسىئونلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى ساقلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ. مېنىڭچە سودا دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭمۇ نۇرغۇن مەسئۇلىيىتىمىز بار. ئەلۋەتتە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئاسان ئەمەس، لېكىن بىز داۋاملىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا، يېڭى يوللارنى ئېچىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەن.

خىتاي خەلقئارا سودىنى قوللاش كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شاۋگاڭ بولسا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، رەقەملىك ئۆزگىرىش قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە يېشىل مەھسۇلاتلارنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شاۋگاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، قايتا ھاسىل بولىدىغان تېخنىكا، رەقەملىك مۇلازىمەت، سۈنئىي ئىدراك ۋە G5 قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زور پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەدىكى سودىگەرلەرنىڭ خىتايدا تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە يېڭى بۆسۈش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «بىز تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىمىزنى كېيىنكى باسقۇچقا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ، تۈركىيە سودا دۇنياسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقە ئورنىتىپ، ئورتاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى خالايمىز. دۇنيا مىقياسىدا مەبلەغ سېلىش توختاپ قالغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىنتايىن قىممەتلىك. بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى 10-يىلغا قەدەم قويغاندا، تۈركىيە بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارمىز» دېگەن.

يىغىندا يەنە تۈركىيە سودا دۇنياسىنىڭ خىتايدا مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ساھە ۋە پۇرسەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن سىرت، تۈركىيە تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى، تۈرك سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە خىتاي خەلقئارا سودىنى قوللاش كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 1-نۆۋەتلىك خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى يەرمەنكىسىنى قوللاش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئەسلەتمىسى ئىمزالانغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق