خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كېسىلى دىققەت قوزغىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، چىن گاڭنىڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئىز-دېرىكىنىڭ بولماسلىقى دىققەت قوزغىغان.

ۋاڭ يى 13-ئىيۇل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، 14-ئىيۇل مەزكۇر باشلىقلار يىغىنى ۋە رايونلۇق مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. نۆۋەتتىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدا سىرىلانكا، رۇسىيە ۋە ۋيېتنام ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن قايتا كۆرۈنمەسلىكى ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە خىلمۇخىل سوئال پەيدا قىلغان.

چىن گاڭ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېننىڭ 6-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە داۋاملاشقان خىتاي زىيارىتى جەريانىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيلا قالماستىن، 10-ئىيۇل شى جىنپىڭ بىلەن سولومون تاقىم ئارىلى باش مىنىستىرى ماناسېش سوگاۋارىنىڭ ئۇچرىشىشىغىمۇ قاتناشمىغان. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ 10-ئىيۇل پىلانلانغان بېيجىڭ زىيارىتىمۇ خىتاي تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چىن گاڭنىڭ تىلغا ئېلىنغان ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە باھا بېرىشنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ توغرىلىق خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىنمۇ ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 664 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2023 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق