خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش ئارقىلىق دېڭىزدا قوشنا دۆلەتلەردىن زېمىن دەۋاسىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يولسىزلىقى سەۋەبلىك جەنۇبىي دېڭىزدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاڭشەن دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى 10-ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 14-ئىيۇل سائەت 24 كىچە، بوخەي دېڭىزىنىڭ قىسمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە راست ئوق ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇ رايونغا ھەرقانداق پاراخوتنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دېڭىز قاتنىشى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى دېڭىز چارلاش ساقچى ئەترىتىنى قۇرغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىش ۋاسىتىسى بىلەن، دېڭىزدىكى كىچىك ئاراللاردا بازا تەسس قىلغان. خىتاينىڭ بۇ خىل كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ