ئامېرىكىدىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ باشلىقى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكىنىڭ مانخاتتاندىكى فېدېراتىپ تەپتىش مەھكىمىسى ئامېرىكىدىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ مەسئۇلىنى «خىتاينىڭ غەيرى رەسمىي جاسۇسى ۋە ئىران نېفىتىنىڭ سېتىلىشىغا ۋاسىتىچىلىك قىلغۇچى» دەپ ئەيىبلىدى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ تەپتىش دائىرىلىرى ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل ئامبىرى يەرشارى بىخەتەرلىك ئانالىز تەتقىقات ئورنىنىڭ بىرلەشمە باشلىقى گال لۇفتنى «خىتاينىڭ غەيرى رەسمىي جاسۇسى ۋە ئىران نېفىتىنىڭ سېتىلىشىغا ۋاسىتىچىلىك قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان گال لۇفت 2016-يىلى خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇدىرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تەكلىپ قىلىش ۋە مائاشقا باغلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن. تەپتىش دائىرىلىرى سابىق ئەمەلدارنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لۇفتنىڭ نامىدا ئېچىلغان تىۋىتتېر ھېسابىدا 18-فېۋرالدا يوللانغان بىر ئۇچۇردا لۇفتنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىدىن كېيىن جەنۇبى سىپرۇستا قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۇ تىۋىتتېردا: «مەن ئەزەلدىن قورال تىجارىتى قىلمىدىم» دېگەن.

ئامېرىكا تەپتىش دائىرىلىرى بولسا 57 ياشلىق لۇفتنىڭ 2-ئايدا جەنۇبىي سىپرۇستا ئامېرىكىدا ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى ساقلاۋاتقاندا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەپتىش دائىرىلىرى لۇفتنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئىجازەتنامىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ لىۋىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قورال سېتىشىغا ۋاسىتىچىلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

لۇفت يەنە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان جازاسىغا قارىماي، ئىران ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاينىڭ بىر ئېنېرگىيە شىركىتى ئوتتۇرىسىدا نېفىت سودىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 518 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2023 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق