ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتى خىتاينىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا ۋەدە بەردى

ئامېرىكىنىڭ بىر پىرېزىدېنت نامزاتى ئەگەر پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتقان فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى رون دېسانتىس 9-ئىيۇل قىلغان سۆزىدە، ئەگەر 2024-يىللىق سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئاقسارايغا كىرسە، تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋەت سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دېسانتىس شۇ كۈنى فوكس خەۋەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەن بۇنداق قىلىشنى قوللايمەن، مېنىڭچە بىز پارلامېنتىنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما مەن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا مەمۇرىي تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بۇ خىل يۆنىلىشكە يېتەكلىيەلەيمەن» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «نورمال سودا مۇناسىۋىتى» ئىلگىرى «ئەڭ ئالاھىدە دۆلەت مۇئامىلىسى» دەپ ئاتالغان. 1998-يىلى ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ، بۇ سالاھىيىتى نورمال سودا مۇناسىۋىتى ھالىتىگە ئۆزگەرتكەن. 2000-يىلى ئامېرىكا خىتايغا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى سالاھىيىتى بېرىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە يول ئاچقان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ تەستىقى تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇ يىل 1-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى كىرىس سىمىس، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى توم تىفىنى Tom Tiffany«2023-يىللىق خىتاي سودا مۇناسىۋىتى قانۇنى تەكلىپ لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. لايىھەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھىمسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاينىڭ دائىملىق نورمال سودا مۇناسىۋەت سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 636 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2023 20:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق