خىتاي رېجىمى جەنۋەدە ئاتالمىش «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق تەشۋىقات يىغىنى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىدىن تېنىۋېلىشقا ئۇرۇندى.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 53-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» 3-ئىيۇل جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئاتالمىش «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس» ناملىق ساختا تەشۋىقات يىغىنى تەشكىللىگەن.
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن-سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ناسىرجان ئىبراھىم يىغىندا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى پۈتۈنلەي ئەركىن، ئۇلارنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى بار، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس» دەپ بىلجىرلىغان. خىتاي بۇندىن ئىلگىرىكى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى تىل-يېزىق چەكلەش، ئاياللارغا قاراتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.
كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەر-ئايال دېمەستىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىرغىن قىلغانلىقى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى، خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ