خىتاي خەلق بانكىسى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور سودىسى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەلى بابانىڭ توردا پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ۋە ئالاقىدار مال-مۈلۈكلىرىنى بىر سۇپىنىڭ ئاستىغا توپلىغان چۈمۈلە گۇرۇھىغا «مونوپولغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان، دېگەن باھانە بىلەن 984 مىليون 330 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى.
بىلومبېرگ تورىنىڭ جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، خىتاي پۇل-مۇئامىلە شىركىتى چۈمۈلە گۇرۇھى 2020-يىلى ئۆكتەبىردە خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا قىلماقچى بولغان 37 مىليارد دوللارلىق پايچەكنى ئىككى تەرەپلىك خەلققە ئېچىۋېتىش پىلانىنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن توختىتىلىشىدىن كېيىن باشلانغان تەكشۈرۈشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتا جازالانغان.
خىتاي رېجىمىنىڭ مەركەز بانكىسى بولغان خىتاي خەلق بانكىسى بۇ شىركەتكە «مونوپولغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن باھانە بىلەن، 984 مىليون 330 مىڭ دوللار جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شۇنىڭدىن بۇيانقى تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پاي بازىرىدىكى ئېنىقسىزلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى باھالىغان مۇتەخەسسىسلەر شىركەتتە ئاكتىپ يۈزلىنىش مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە بۇ جەرىمانىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئالىپايغا بولغان بېسىمىنىڭ ئاخىرقى قەدىمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ شېرىكى بولغان ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ پاي چېكى باھاسى بۈگۈن خوڭكوڭدا %6.4 ئۆسۈپ، 86.70 خوڭكوڭ دوللىرىغا (تەخمىنەن 11.08 دوللار) يەتكەن.
2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەلى بابا، تېڭشۈن ۋە Didi قاتارلىق چەت ئەللەرگە مەبلەغ سالغان چوڭ تىپتىكى تور شىركەتلىرىگە بولغان جازانى كۈچەيتكەنىدى. شۇنداقلا خىتاي دۆلەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى ئەلى بابا، مېيتۇەن، بەيدۇ ۋە Didi قاتارلىق تور شىركەتلىرىنى «مونوپولغا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن قالپاق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە نىشانلىغانىدى. خىتاي رېجىمى ئىلگىرىمۇ ئەلى بابا شىركىتىگە ئوخشاش باھانە بىلەن 2021-يىلى 4-ئايدا 18 مىليارد 200 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 2 مىليارد 800 مىليون دوللار) جەرىمانە قويغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر.