ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى تەھدىتنى توختاتمىدى

خىتاي ئارمىيەسى 8-ئىيۇل ئەتىگەنگىچە 13 ئايروپىلان ۋە ئالتە ئۇرۇش پاراخوتىنى تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، خىتاي بۇ تەھدىت ھەرىكىتىنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىۋاتقان پەيتتىمۇ توختاتمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسى ھاۋا ۋە دېڭىزدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئەھۋالىنى دائىملىق كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۆت كۈرەشچى ئايروپىلانى، BZK-005 تىپلىق رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە Y-8 تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتقا قارشى كۈرەشچى ئايروپىلان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى سىزىقىدىن ئۆتۈپ، تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسى ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي چېگرا سىزىقى دەپ قارالغان، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى مەزكۇر ئوتتۇرا لىنىيەنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي رېجىمى تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ داۋا قىلىۋاتقان بولغاچقا، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى بىلەن قوشۇۋالىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. خىتاي رېجىمىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاتالمىش «ۋەزىپە ئۆتەش» نامىدا تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئارالنىڭ مۇداپىئەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئارالدا ياشاۋاتقان 23 مىليون ئىنساننىڭ روھىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرغا قەدەر تەيۋەن خەلقىنى قورقۇتالمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېلېننىڭ خىتايغا زىيارەتكە كېلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىكى تەيۋەن بوغۇزىدىن بىۋاسىتە تەيۋەنگە تۇتىشىدىغان شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئەسكەرلىرىگە قىلغان سۆزىدە: «بىز چوقۇم ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 564 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2023 13:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق