خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتايدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، خىتاينىڭ رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقى ئاشكارىلىغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى 8-ئىيۇل بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، دالاي لامانىڭ ھىندىستاننىڭ دېھلى ۋە لاداخ زىيارىتىدىن ئىلگىرى دارامسالادىكى تاراتقۇلارغا خىتاي تەرەپنىڭ رەسمىي ياكى غەيرى رەسمىي تەرىقىدە ئۆزى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى 88 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ھىماچال پرادېش ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونى دارامسالادىكى تۇرالغۇسىدا تەبرىكلىگەن. يۈزلىگەن قوللىغۇچىلار ۋە سۈرگۈندىكى تىبەتلەر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

دالاي لاما 1959-يىلى تىبەتتىن ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەندىن بۇيان دارامسالادا تۇرغان ۋە بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەركىزى قىلغانىدى.

دالاي لاما ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى سۆھبىتىدە مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز، بىز نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى خىتاينىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە قېلىشنى قارار قىلغان ئىدۇق» دېگەن.

دالاي لاما مۇخبىرغا يەنە: «نۆۋەتتە خىتايدا ئۆزگىرىش بولدى، خىتاي تەرەپ رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن.

دالاي لاما يەنە ئېنىق قىلىپ: «مەن دىيالوگنى ئەزەلدىن رەت قىلمىغان. نۆۋەتتە خىتاي يەنە تىبەت خەلقىنىڭ روھىنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي مەن بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. مەن سۆھبەتكە تەييار» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 644 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2023 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق