ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن 7-ئىيۇل بېيجىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا: «يېلېن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ساغلام بولغان ئىقتىسادىي رىقابەتلىشىش ئارزۇسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق» دېيىلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، لى چياڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تەرەققىياتى ئامېرىكا ئۈچۈن رىقابەت ئەمەس، بەلكى بىر پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، يېلېننىڭ سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە: «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۆزئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جۈمە كۈنى تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى بازار ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان.
يېلېن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىدا قىلغان سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشنى خالىمايدۇ، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈشى دۇنيا ئىقتىسادىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ