دوكلات: خىتاي كان شىركەتلىرى 18 دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى

سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايلىق مەركىزى 6-ئىيۇل بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئۆزگەرتىشكە ئېھتىياجلىق قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنى «2021-يىلدىن باشلاپ خىتاي سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى–تەرۇز قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2021-يىلى 1-ئايدىن 2022-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ 39 كان شىركىتى 102 قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتقا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىغا چېتىلغان.

سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايلىق مەركىزىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «سانلىق مەلۇماتلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆتكۈنچى ئېنېرگىيە مىنېرال ماددىلىرىنى چارلاش، قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىتقا دەخلى-تەرۇز قىلىش كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ زىيانلار ئالدى بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىغا زەربە بەردى» دېگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايلىق مەركىزىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 18 دۆلەتتە يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىچىدە ھىندونوزىيەدە 27، پېرودا 16، كونگودا 12، بېرمىدا 11، زىمبابۋىدە يەتتە دېلو يۈز بەرگەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىشچە، خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، ياۋايى ھايۋانلارغا تەسىر كۆرسىتىش، ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە ۋەزىيىتى ئالاھىدە ئېغىر بولۇپ، خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ مۇھىتى ۋە ئاجىز ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، دەپ ئەيىبلەنگەن. چۈنكى خىتاينىڭ باتارېيە ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرى تېخىمۇ كۆپ نىكېلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ بۇلغىغان ھەمدە زاۋۇتلاردىكى خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، يەر شارىنىڭ بۇ قېزىلما بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى 2040-يىلغا بارغاندا ئالتە ھەسسە ئاشىدىكەن. شۇڭا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتايغا تەۋە بولغان شىركەتلەرنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2023 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق