خوڭكوڭ دائىرىلىرى سەككىز كىشىگە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

خوڭكوڭ دائىرىلىرى سەككىز كىشىگە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولۇپ، ئۇلارنى تۇتۇشقا ھەمكارلاشقان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ بىر مىليون خوڭكوڭ دوللىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خوڭكوڭ كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ساقچى ئىشلىرى ئىدارىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى 3-ئىيۇل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رېن جيەنفېڭ، شۈ جىفېڭ، لو گۇەنسۇڭ، مېڭجاۋدا قاتارلىق «خوڭكوڭنى قالايمىقان قىلدى» دەپ قارالغان سەككىز كىشى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

خوڭكوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا: «ساقچى تەرەپ ھازىر خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرۇپ خوڭكوڭنى قالايمىقان قىلغان، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن قىلچە تەپ تارتماي دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. خوڭكوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ 37-38-ماددىلىرىغا ئاساسەن، خوڭكوڭ ساقچى تەرەپنىڭ چېگرا سىرتىدىكى خوڭكوڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار» دېگەنلەر تىلغا ئېلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئۇلار ھەققىدە ئىلگىرى سوتقا تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار سەككىز كىشى بولۇپ، تۇتۇپ بېرىش مۇكاپاتى ئۈچۈن ھەر بىرىگە بىر مىليون خوڭكوڭ دوللىرى بېرىلىدىغانلىقى، ئاممىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى پاش قىلىشى ياكى دېلونى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە خوڭكوڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغىچە، خوڭكوڭ ساقچى ئىشلىرى ئىدارىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ 260 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 79 كىشىگە جىنايەت بېكىتكەنلىكى ۋە جازا ھۆكۈم قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ رايون سىرتىدىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ساقچى تەرەپنىڭ ئالاقىدار كىشىلەرنى قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2023 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق