قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ئاممىنى كونترول قىلىش، باستۇرۇش ۋە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تاكتىكىلىرى ھەققىدە دەرس بەردى.
Eurasianet تورىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇئاۋىن مىنىستىر ئوكتىياب ئۇرمامبېتوف باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 19-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئەسلەتمە ئىمزالىغانلىقى، مەزكۇر كېلىشىمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قىرغىزىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە، قىرغىزىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتايدىن تېخىمۇ ياخشى نازارەت قىلىش دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلەرگە ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارەتنى رەقەملەشتۈرۈشتىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ، خەلقنى نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى، شۇنداقلا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق»قا قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋە شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭ جەريانىدا قوللانغان ھەرىكەت ۋە ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان.
خىتاي رېجىمى يەنە قىرغىزىستان ھەيئىتى ئۈچۈن ئاتالمىش «توپىلاڭ»نى كونترول قىلىش مانېۋىرى تەشكىللەپ، ئالاھىدە قىسىم تارماق ئەترىتىنىڭ خىزمىتى، شۇنداقلا ئاممىۋى تەرتىپ مۇلازىمىتى ۋە «توپىلاڭ» جەريانىدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆرسەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر