خىتاي جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ب د ت دا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى

خىتاي رېجىمى جەنۋەدە ئاتالمىش «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق تەشۋىقات يىغىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىۋېلىشقا ئۇرۇندى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، جازا لاگېرىغا قاماش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات بېرىشى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي خەلقئارا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 53-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» 3-ئىيۇل جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئاتالمىش «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ساختا تەشۋىقات يىغىنى تەشكىللىگەن.

يىغىندا سۆز قىلغان لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى لى لياڭ: «بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى دائىم كىشىگە "شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ بىردىنبىر سالاھىيىتى ئاجىزلار توپى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئېزىلگۈچىلەر" دېگەندەك بىر خىل خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن مەن شىنجاڭدا كۆرگەن ئەھۋاللار ئۇنىڭ ئەكسىچە» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى، لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئەرلىرىگە ئوخشاش مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىرغىن قىلغانلىقى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى، خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 828 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2023 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق