ئىتالىيە خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلغان، خىتاي-ئىتالىيە مۇناسىۋىتى بولسا بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىنى باھالاشقا باشلىغان بولۇپ، ئىتالىيە پارلامېنتىمۇ بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىش ياكى چېكىنمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولغان. يېقىندا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىتالىيەگە قىلغان كۆپ قېتىملىق زىيارىتى ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لۇتوڭ 5-ئايدا ئىتالىيەنى زىيارەت قىلىپ، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ھەققىدىكى كېلىشىمنى يېڭىلاش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ جيەنچاۋ خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، بىر يۈرۈش لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى قىلغان ۋە بۇ جەرياندا ئىتالىيە سىياسىيونلىرى ۋە سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىدە ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىتالىيەگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئالدى بىلەن ئىتالىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي رەسمىي تاراتقۇلىرى زىيارەت ئاخىرلاشقاندا ئاندىن بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغان. ليۇ جيەنچاۋ ئالدى بىلەن ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىساد مەركىزى مىلانغا بېرىپ، سودا جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە سودا مۇناسىۋەت زەنجىرىنى بۇزۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ 2019-يىلى ئىتالىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت بەش يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان. ئىتالىيە خىتاي بىلەن ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنى ئىمزالىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىردىنبىر ئەزاسى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئۇتۇقى دىپلوماتىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى دەپ قارالغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىلگىرى ئىتالىيەنى خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ھەمكارلىق ئۈلگىسى دەپ قارىغان. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى «سىستېمىلىق رىقابەتچى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، 2022-يىلى ئىتالىيە چوڭ سايلىمىدىن كېيىن، ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بولغان مەيدانىدا بۇرۇلۇش بولغان. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى «خەتەردىن ساقلىنىش» ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى يېڭىلانماسلىقى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئىتالىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ