شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنىدا ئىران رەسمىي ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر توققۇزغا كۆپەيدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-ئىيۇل سىنلىق تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش تەرتىپىنى تېزدىن تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
يىغىندا ھەرقايسى دۆلەت ئەمەلدارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، خەلقئارادا تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش، رايون ۋە دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغانلىقى ھەققىدە جار سېلىشقان. باشلىقلار يىغىنىدا يەنە بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى ئەسلەتمە ئىمزالانغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت قۇرغۇچى ئەزادۇر. 2017-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم ئەزا كۆپەيتىپ، ھىندىستان ۋە پاكىستانغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنى بەرگەن. 2022-يىل 9-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىدا ئىراننىڭ تەشكىلاتقا كىرىشى توغرىسىدىكى ئەسلەتمىنى ئىمزالىغان ھەم بېلارۇسىيەنى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ