خىتاي مۇتەخەسسىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 53-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش جىنايىتىنى يەنە ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» خىتاي تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى خىتاي تىل فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دېڭكې 3-ئىيۇل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 53-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق پائالىيەتتە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: «شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون، ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ تىللىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى» 3-ئىيۇل جەنۋەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى ۋە ئەمەلىيىتى» تېمىسىدا قوشۇمچە پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە سۆز قىلغان جاڭ دېڭكې: «خىتاي دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ئەدلىيە، ھۆكۈمەت، مائارىپ، ئاخبارات ۋە نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەلىرىدە كەڭ ئىشلىتىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ كودلانغان ھەرپ-بەلگە توپلىمى، كونۇپكا تاختىسى ۋە خەت نۇسخىسىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتكەنلىكى ۋە ھەرخىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
ھالبۇكى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش تېررور سىياسىتىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئالدىدا ماڭغان رايونلارنى مۇكاپاتلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتلاردىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشقا باشلىغانلىقى، بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ توغرىسىدا پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزاق مۇددەت مەجبۇرىي ئايرىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەش ۋە بىلىم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىغانىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ پاكىتلار مەزكۇر ئاتالمىش مۇتەخەسسىس جاڭ دېڭكېنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ