شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى 4-ئىيۇل بېيجىڭدا سىنلىق تەرىقىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىنغا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارىندېرا مودى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭمۇ سىنلىق تەرىقىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىغا سۆز قىلغان.

شى جىنپىڭ يىغىندا ئاتالمىش «ئەسلى ۋەزىپىنى ئەستە ساقلاپ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدا سۆزلىگەن بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەبىتلىك ۋە تېررور سىياسىتىگە ھەمدەمدە بولۇشقا چاقىرىپ: «بىز ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن سۆھبەتنى تەشەببۇس قىلىمىز. رايوندا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تىركىشىشنى پەيدا قىلىدىغان تاشقى كۈچلەرگە قارشى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشىمىز، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشى ۋە ھەر قانداق سەۋەب بىلەن رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ قېتىملىق يىغىندا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2023 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق