فىرانسىيەدىكى مالىمانچىلىقتا ئاز دېگەندە بىر مىليارد ياۋرو زىيان بولغان

فىرانسىيە كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن فىرانسىيە دائىرىسىدىكى زىيان بىر مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن.

فىرانسىيە تىرانسپورت بىرلەشمىسىنىڭ 3-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مالىمانچىلىق پارىژ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسىغا ئاز دېگەندە 20 مىليون ياۋرو زىيان سالغان بولۇپ، فىرانسىيە ئارىلى چوڭ رايونىدا 39 كوچا ئاپتوبۇسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، 6-نومۇرلۇق تىرامۋاي بىلەن 10-نومۇرلۇق تىرامۋاينىڭ رېلىسى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ۋەيران قىلىنغان.

شۇ كۈنى يەنە فىرانسىيە كارخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەدە 200 دىن ئارتۇق سودا ئورگىنى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىغان، 300 بانكىنىڭ مۇلازىمەت نۇقتىسى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھەمدە 250 تاماكا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋەيران قىلىنغان. فىرانسىيە كارخانىلار بىرلەشمىسىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەرىگە قارىغاندا، پۈتۈن فىرانسىيە دائىرىسىدە زىيان بىر مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن.

27-ئىيۇن فىرانسىيەنىڭ نانتېررا شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ تېگى ئالجىرىيەلىك 17 ياشلىق نائېل ھەيدىگەن ماشىنىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن، قاتتىق نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋجىگە چىققانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2023 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق