خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بىلەن تاموژنا باش ئىدارىسى 3-ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، گاللىي ۋە گېرمانىي ئېلېمېنتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بىلەن تاموژنا باش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتتا ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى»نى قوغداش ئۈچۈن، گاللىي ۋە گېرمانىيغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلىنىدىغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك تىجارەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئېكسپورت ئىجازەت رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك سودا تارماقلىرى ئارقىلىق سودا مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئېكسپورتى سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مەجلىسىگە تەستىقلاپ دوكلات قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گاللىي ۋە گېرمانىي كومپيۇتېر ئۆزىكى ۋە قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ھەر ئىككىسى ياۋروپا ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان خام ئەشيا تىزىملىكىدە ئىكەن.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گاللىي ئىشلەپچىقارغۇچى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گېرمانىي ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغان. يېڭى بەلگىلىمە ئەڭ يېڭى تىپتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق ئوپتىك ئويما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. مەزكۇر ئېكسپورتنى كونترول قىلىش نىزامى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدىكەن. گوللاندىيە تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى لىسجې شرېيناماچېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بۇ تەدبىرنى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يولغا قويدۇق» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ