ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش»، «قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش» دېگەن ناملار بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي رېجىمى 30–ئىيۇن سىنلىق يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش» ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ج خ نازارىتى بىر تۇتاش سىنلىق يىغىن ئېچىپ، خىتاي مەركىزىي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يىغىنىنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەرىكىتى»گە سەپەرۋەر قىلغان.
يىغىندا «قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، تېز، توغرا، قاتتىق زەربە بېرىش، نۇقتىلىق رايونلارنى چارلاپ كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاپشاركا بىلەن چارلاش قېتىم سانى ۋە سالمىقىنى زورايتىش كېرەك» دېگەنلەر تەكىتلەنگەن.
خىتاي رېجىمى يىغىندا يەنە ئاتالمىش «مىليون ساقچى ئون مىليون ئائىلىگە كىرىش» نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى كەڭ كۆلەمدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، شەھەر-يېزا تۇتاشقان جاي، ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي، ئەشيا ئوبوروتى كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىش قاتارلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي رېجىمى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل ناملار بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولسا، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە ۋە بۇ خىل ناملار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايوننىڭ ياز پەسىللىك ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەرىكىتى»نى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش قالپىقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تېررور سىياسىتىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ