ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى يېڭىلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن بۇرۇن قايتا ئويلىنىشقا تەۋسىيە قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 4-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي ساياھىتى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى يېڭىلاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايدا خالىغانچە قانۇن ئىجرا قىلىش، قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ۋە چېگرادىن چىقىشىنى چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەكىتلەنگەن ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتا قايتا ئويلىنىشقا تەۋسىيە قىلغان.
ئاگاھلاندۇرۇشتا خىتايدىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغان قانۇنىي باسقۇچلاردىن ئۆتمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، كونكرېت مىساللار تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا 78 ياشلىق بىر ئامېرىكا پۇقراسى خىتايدا جاسۇسلۇق باھانىسى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا خىتايغا ساياھەتكە بارغان ياكى خىتايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن جاسۇس دەپ قارىلىپ، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانا، كونسۇلخانلىرىنىڭ مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا نامايىشقا قاتنىشىش، خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلارنى يوللاش، ھەتتا سەزگۈر ساھەلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش خىتاينىڭ بىر تۈركۈم جىنايەت ئارتىش باھانىلىرى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
خىتاي رېجىمى ئالدىنقى ھەپتە «تاشقى مۇناسىۋەت قانۇنى»نى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان. خىتاي يەنە زور دەرىجىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ ئارقىلىق چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىش مەركەزلىرىدە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ تەكشۈرەلەيدىكەن. ئۇندىن باشقا، خىتاي يەنە چەت ئەللىك تەنقىد قىلغۇچىلارغا جازا يۈرگۈزىدىغان بىر قانۇننى تەستىقلىغان.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم