يېقىندا فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، بىر خىتاي ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئاپتوبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسى چېقىلىپ نۇرغۇن خىتاي يارىلانغان.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق جەريانىدا مارسېلدا ساياھەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي ساياھەت ئۆمىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ۋەقەدە ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسى چېقىلىپ، نۇرغۇن خىتاي يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان.
مارسېلدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش كونسۇلخانىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ۋە فىرانسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا شۇ جايدىكى خىتايلار ۋە ساياھەت ئۆمەكلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى فىرانسىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بەرگەن رايوندىن يىراق تۇرۇپ، شەخس، ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ۋە دۇكانلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىنى، بولۇپمۇ فىرانسىيەگە ۋاقىتلىق بارىدىغانلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىقىشتا ئېھتىيات قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىمۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساياھەت ئۆمىكىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن خىتايغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ