ئاۋسترالىيەدىكى بوكس سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى جەۋلان قىلدى

 

ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر ياش ئابدۇجېلىل مۇھەممەد 2-ئىيۇل ئەركىن مۇشتلاش تۈرىنىڭ 65 كىلوگراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەسۇرانە روھىنى نامايان قىلدى.

ئابدۇجېلىل مۇھەممەد ئۆزگىچە بىر ھالەتتە مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا دوپپا كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تونۇيدىغان كۆرۈرمەنلەر ماھىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياش ئىكەنلىكىگە ئاپىرىن ئېتىپ چاۋاك چالغان بولسا، بىلمەيدىغان تاماشىبىنلارنىڭ كاللىسىغا «بۇ بايراق قايسى دۆلەتنىڭ بايرىقى؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان. ئابدۇجېلىل مۇھەممەدنىڭ قىسقا دۇئا قىلىپ، ئارقىدىن بىر موللاق بىلەن سەھنىگە چىقىشى تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۇراس ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئاۋسترالىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر مۇسابىقىدە ياشلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئابدۇجېلىل مۇھەممەد گەرچە تۇنجى مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، ئەركىن مۇشتلاش ساھەسىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ئاممىۋى ئىشلار مەسئۇلى سالاھىدىن تۇرسۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇجېلىل مۇھەممەد بۇ يىل 23 ياش بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا قاتنىشىپ، ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 2853 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2023 20:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق