1-ئىيۇل خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى گۈيشى شەھىرىگە جايلاشقان جياڭشى چيەنتەي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 1-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 1:30 دا، گۈيچى شەھەرلىك جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى ھازىرغا قەدەر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەمدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىتىلغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھادىسە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن زاۋۇتلارغا تەسىر قىلغان. پارتلاش ۋەقەسى بولغان زاۋۇتتىن 200 مېتىر يىراقلىقتىكى يېڭى ماتېرىيال شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، 1-ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:30 ئەتراپىدا، ئالدى بىلەن جياڭشى چيەنتەي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىگە ئوت كەتكەنلىكى سەۋەبلىك پارتلىغان. ئاپەت باشقا يەرگە يامراشقا باشلىغانلىقى بولغاندىن كېيىن، دەرھال زاۋۇتتىكى 50 دىن ئارتۇق خىزمەتچىنى يۆتكىگەن، تۆت گېكتار يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زاۋۇت بىناسى ۋەيران بولغان. نۆۋەتتە نەق مەيدان پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدى بىلەن زاۋۇتقا ئوت كەتكەن، ئارقىدىن ئوت يامراپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا ئوت ئەتراپقا شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە پارتلاش ئېغىر بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى يەنىلا ئاپەتتە ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيانلارنى ئېلان قىلمىغان.
پارتلىغان شىركەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، جياڭشى چيەنتەي يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى 2019-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ شىركەت جياڭشى ئۆلكىسى گۈيشى شەھىرىدىكى فوسفور خىمىيە بازىسى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ