خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەردە مەجبۇرىي ئۇسسۇلغا تەشكىللەپ، قۇربان ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، تارقىلىۋاتقان سىنلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيت كۈنلىرىدىمۇ خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت خانىم فېسسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىگەن سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى ھەرخىل بېسىملار، ھېيتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە پۇرسەت بەرمىگەن. تارقالغان سىنلارنىڭ بىرىدە بىر ئۇيغۇر ئايال چىرايى قايغۇغا تولغان ھالدا: «بۈگۈن ھېيت بولدى دېيىشىۋاتىدۇ، ھەممىڭلارنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. قانداق كىشلەرگە ھېيت بولغاندۇ؟ قانداق كىشلەر ھېيت ئوينايدىغاندۇ؟ ھېيتلار قەتئىي كەلمىگەن بولسا كاشىكى، قانداق ئادەم ھېيت بولدى، دەپ خۇشال بولىدىغاندۇ؟ بۇگۈن قايسىڭلارنىڭ ئۆيىدە ھېيت تەنتەنىسى بولدى؟ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيدە ھېيت بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزلەرنىڭ ئۆيمىزدە ھېيت خۇشاللىقىدىن ئازراقمۇ ئەسەر يوق» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ ھېيت كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىش، ساق ھالەتتە تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ جەسەتلىرى چىقىش قاتارلىق ئېغىر تىراگېدىيەلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىشى، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىق مۇسىبەتلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھېيتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن خۇشال ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قىلغان. خىتاي بولسا خەلقنى مەجبۇرىي ھالدا ساما ئۇسسۇلىغا تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خۇشال ھېيت قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ