يېڭى زېللاندىيە باش مىنىستىرى 30-ئىيۇن بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان. مۇتەخەسسىسلەر بولسا يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان يېڭى زېللاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى كىرىس ھىپكىنس ئۆز دۆلىتىنىڭ سودا ئۆمىكىنى باشلاپ، 25-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ۋە شى جىنپىڭ، لى چياڭ قاتارلىق خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
سودا ئۆمىكىدە يېڭى زېللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت-كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، خىتاي بىلەن يېڭى زېللاندىيە ئوتتۇرىسىدا سودا، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىك، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كۆپلىگەن كېلىشىملەر ئىمزالانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەت ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرغان ئۇچرىشىش، دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، كىرىس ھىپكىنس خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچلىكىگە سۈكۈت قىلغان. ئۇ بايدېننىڭ شى جىنپىڭنى «مۇستەبىت» دەپ سۈپەتلىشىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتايدىكى ھۆكۈمەت شەكلىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ ئۆز مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېسمۇ ئالدىنى ھەپتىدىكى سۆزىدە پات يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇۋاپىق بىر پۇرسەتتە زىيارەت ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
كۆپلىگەن خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بەش كۆز ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىچىدە يېڭى زېللاندىيە خىتايغا سودا جەھەتتە ئەڭ بېقىنىپ قالغان دۆلەت بولغاچقا، خىتايغا باش ئېگىشكە مەجبۇر ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك يېڭى زېللاندىيە خىتاينىڭ بەش كۆز ئىتتىپاقىغا قارشى بۆسۈش ئېغىزى بولۇپ، خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئەمما يەنە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بولسا يېڭى زېللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم