خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا يەنە تەھدىت سېلىپ: «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق بۆلگۈنچىلىرى ۋە سىرتتىن كەلگەن ئارىلىشىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىش ئىقتىدارى بار» دەپ جار سالغان.
ۋاڭ يى تورىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ (张晓刚) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
يىغىندا بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2024-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن. يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ‹ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدۇ›دېدى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.
جاڭ شياۋگاڭ جاۋاب بېرىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك خەۋپ ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئامېرىكىنى بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ جاۋابىدا تەھدىت سېلىپ، بىر مەزگىلدىن بۇيان تاشقى كۈچلەرنىڭ تەيۋەن ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى، دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىغا تايىنىپ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى كۆزلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بىرلىككە كېلىشى كېرەكلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش خىتاينىڭ ئىشى بولۇپ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ قول تىقىشىغا ۋە ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارى بارلىقى، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ