شەرقىي تۈركىستاندا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى

 30-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۈنەس ناھىيەسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:33 دە كۈنەس ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 43.35 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.51 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ يەنە خەۋەر قىلىشىچە، 30-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:50 دە قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 38.71 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 74.41 گىرادۇس) 3.7 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1970 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2023 00:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق