-2023يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2023-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 30-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا تەشكىللەپ كېلىۋاتقان مەزكۇر پائالىيەت قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇپ، 2000 غا يېقىن مېھمان ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ھېيتلىق تەبرىك يوللىدى ۋە بۇ چوڭ تىپتىكى يىغىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش، ئىتتىپاقلىشىش روھىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشمىگۈچە، سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ نىشاننى ئاساس قىلغان ھالدا ھەمكارلىق ۋە بىرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، نىشاندىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋە ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرىمۇ تەبرىك سۆزى يوللىدى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيت روھىدىن ئۆگىنىپ، ھەربىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئويغاق تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن خەلقئارا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت داۋامىدا بىر تۈركۈم ئۆسمۈرلەر ئىسلام، ۋەتەن، مىللەت كۈيلەنگەن تۈرلۈك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، مېھمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەت داۋامىدا كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بۈگۈنكى ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۆسمۈرگە ھېيتلىق تارقىتىپ، ئۇلارغا ھېيت خۇشاللىقى ۋە ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدۇردى.

ئاخىرىدا پېشقەدەم ئۇستاز نىياز داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى، ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1519 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2023 00:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق