Toggle navigation ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال ژۇرنىلىكارىكاتۇرمۇھىم خەۋەرتەھلىل ۋە مۇلاھىزەماقالىلەرتەرمىلەرتەشكىلاتلارئىسلام دۇنياسىخەلقئاراشەرقىي تۈركىستان
چاقماق خەەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇر ئەركىنلىككە چىقتى خىتايلارنىڭ تاموژنا بېجىدىن قېچىشتىكى يېڭى ھىيلىسى ئاشكارىلاندى تايلاندتىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن خىتايلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنماقتا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك مىقدارى يۇقىرى پەللىگە چىقتى ئۇكرائىنا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى گېرمانىيە خىتاي ماللىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئەقىل ئامبىرى: ش ت ئى پ دىكى ئۆزگىرىش خىتاينى شەكسىز ئەندىشىگە سالىدۇ خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدىكى سەپسەتىلىرىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىشقا كۈچىمەكتە ئامېرىكا خىتاينىڭ پاراخوتلىرىدىن ھەق ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ئاقساراي جېك سۇلىۋاننىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتى 27-ئىيۇن تەيۋەننىڭ شەرقىي تەرەپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن بولۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسى ۋەزىيەتنى جىددىي كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋخجەتەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-ئىيۇن يېرىم كېچىدە جىددىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ئارقىلىق، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىدىن كەلگەن پاراخوتلار فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك دېڭىزدىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى جىددىي يازما خەۋەر ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا تەيۋەننىڭ شەرقىي دېڭىزى ئارقىلىق جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، سۇئاۋ سىرقى دېڭىزىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ جىددىي رايونىدىن ئايرىلغان. بۇلتۇر 2-ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەمدە خەلقئارالىق جازاغا ئۇچرىغان بولۇپ، تەيۋەن بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جازا سېپىگە قوشۇلغان. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بولسا بارغانسېرى يېقىنلىشىشقا باشلىغان. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاي 270-ئىيۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا :«بىز بۇ مەسىلىدە دۇنيا ۋە رايون قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇردۇق. بىز كەلگۈسىدە بۇ خىل كېڭىشىشنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز» دېگەن. تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ بۇ خەۋەر 1504 قېتىم كۆرۈلدى 30/06/2023 14:40:00 ئىنكاسلار ئىنكاس يزىڭ 0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق