بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس 26-ئىيۇن خىتاي پۇقراسى شۈ خاۋلياڭنى ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە ب د ت تەرەققىيات-پىلان ئورگىنىنىڭ ياردەمچى باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي پۇقراسى بولغان شۈ خاۋلياڭ 2013-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچى باشلىقى، قوشۇمچە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 2019-يىلىدىن بۇيان ب د ت نىڭ باش كاتىپ ياردەمچىسى، قوشۇمچە تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى سىياسەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن شۈ خاۋلياڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدا كۆپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابى ھەمدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن رايونلاردىكى ئىش باشقارمىلىرىدا ئىشلىگەن.
شۈ خاۋلياڭ خىتايدىكى تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، كېيىن ئامېرىكا سىتېۋېنس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇ ب د ت دىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي يىللاردىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بىر ۋەزىيەتتە، بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ب د ت دا يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىگە قويۇلۇشى «بۆرىنى قوتانغا باشلاش» دەپ سۈپەتلەنمەكتە ۋە تۈرلۈك سوئاللارنى تۇغدۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ