ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 28-ئىيۇن نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتىكى سۆزىدە خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كەسكىن رىقابەت ئىچىدە چوقۇم خىتاي بىلەن تىنچلىقتا بىرگە تۇرىدىغان ئامال تېپىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 28-ئىيۇن تاشقى ئىشلار كومىتېتى نيۇيوركتا تەشكىللىگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، يۇقىرىقى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: «خىتاي يوقالمايدۇ، بىزمۇ يوقالمايمىز. بىز چوقۇم بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا تىنچلىق ئىچىدە بىرگە تۇرىدىغان ئامال تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
بىلىنكېن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە بۇلتۇر ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مىڭغا يېقىن شىركەت، شەخس ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، خىتايدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان 48 مىليون شىركەت بارلىقىنى، قاراتمىلىق جازالارنىڭ ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
بىلىنكېن يۇقىرىقى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى، ئېنىق ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، مەبلەغ ۋە تېخنىكىلىرىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىشىنى توسۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم